بېزەكلىك مىڭئۆيى
بېزەكلىك مىڭئۆيلىرى 5–ئەسىردىكى قوچۇ بەگلىكىدىن 8–ئەسىردىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلقىغىچە بولغان دەۋرلەرگە تەۋە ساڭرام خارابىسى . تۇرپاننىڭ شەرقىگە ، يالقۇنتاغدىكى مۇرتۇق جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، غارلار غەربىي قىرغاقتىكى بىر كىلومېتىر دائىرىدىكى ئۈزۈك يار ئۈستىگە جايلاشقان . ھازىر ئۇنىڭدا ئىبادەت غارى ، ديان غارى ، راھىبلار ھۇجرىسى ۋە خاتىرە غارى قاتارلىق 83 غار بار . غارلار شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك ، ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك ، بويىغا ئەگمە تورۇسلۇق ۋە گۈمبەز تورۇسلۇق ھەمدە ئوتتۇرىسى ئايلانما چاسا شەكىللىك ئۈچ خىل تىپقا ئايرىلغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 40 نەچچە غاردا تام رەسىملىرى ساقلانغان بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلىمى 1200 كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ .
غارلارنىڭ ياسىلىشى چۇر جەمەتى قۇرغان قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرى (499~640–يىللار)دىن باشلانغان . مەزكۇر خارابىدىن قوچۇ دۆلىتىنىڭ جيەنچاڭ 5–يىلى (559–يىلى)غا تەۋە «ساددا پۇندارىكا سۇترانىڭ ئاۋالوكتېشۋارا بۆلۈمى» نىڭ پارچىسى بايقالغان . بۇ مەزگىلگە تەۋە غارلاردىن 9–،18–،34–نومۇرلۇق غارلار بار بولۇپ ، بۇلار كېيىنكى دەۋرلەردە قايتا رېمونت قىلىنغان ۋە رەسىملىرى قايتا سىزىلغان ، ھازىر 18–نومۇرلۇق غارنىڭ كارىدورى ۋە تاشكېمىر تەشمىسىنىڭ ئۈستىدىكى قىسمىلا دەسلەپكى مەزگىلدىكى تام رەسىملىرى ساقلىنىپ قالغان .
بېزەكلىك غارلىرى ھازىرغا قەدەر ساقلانغان ئۇيغۇر بۇددىزىم سەنئىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ، سانى ئەڭ كۆپ ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان سەنئەت خەزىنىسىدۇر.
مەنبەلەر
[تەھرىرلەش]- تەڭرىتاغ تورى، 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى